دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرى بىرلەشمىسىنىڭ سابىق باشلىقى قەرەداۋى ۋاپات بولدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرى بىرلەشمىسىنىڭ سابىق باشلىقى يۇسۇف ئەل قەرەداۋى 96 يېشىدا ۋاپات بولدى.

1884791
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرى بىرلەشمىسىنىڭ سابىق باشلىقى قەرەداۋى ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرى بىرلەشمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشمىنىڭ سابىق باشلىقى مىسىرلىق ئالىم قەرەداۋىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «ئۆمۈرىنى ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىزاھلاشقا ئاتىغان دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچى باشلىقى يۇسۇف قەرەداۋى جانابىي ھەقنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتى» دېيىلدى.

يۇسۇف قەرەداۋى 1926-يىلى مىسىردا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، قارىملىق (قۇرئان كەرىمنى يادقا ئېلىش) ۋە باشقا دىنىي ئوقۇشلاردىن كېيىن، ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇغان.

ئۇ 2004-يىلدىن 2018-يىلغىچە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان.

ئۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان قاتاردا ياشىماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر