بلېنكىن: خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ يادرو تەھدىتىگە روشەن ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك

ئانتونىي بلىنكېن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش» تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلدى.

1883617
بلېنكىن: خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ يادرو تەھدىتىگە روشەن ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنى رۇسىيەگە «ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا يادرو قورالى ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەھدىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكى» ھەققىدە «روشەن ئىپادە» بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

ئانتونىي بلىنكېن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش» تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلدى.

24-فېۋرالدىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ دۆلەت ۋە ئۇكرائىنا خەلقىگە زور بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىش بىلەنلا قالماي، يەنە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى يوشۇرۇن ئاچارچىلىق، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق باشقا يەر شارى كىرىزىسلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بلىنكېن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنى يادرو قورالى تەھدىتى مەسىلىسىدە رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

ئۇ، «كېڭەشنىڭ ھەر بىر ئەزاسى بىپەرۋالارچە سېلىنىۋاتقان بۇ يادرو تەھدىتىنى دەرھال توختىتىشى توغرىسىدا رۇسىيەگە روشەن ئىپادە بىلدرۈشى كېرەك» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ھەپتە بېشىدا بايانات بېرىپ، يادرو قورالى ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلىتىنىڭ زېمىنى تەھدىتكە ئۇچرىسا، دۆلەتنى ۋە خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن «قولىدىكى بارلىق ۋاسىتىلەرنى چوقۇم قوللىنىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر