رۇسىيەدە قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىندى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ دۆلەتتە قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىنىشىغا دائىر قارارنامىنى ئىمزالىدى.

1882558
رۇسىيەدە قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيە خەلقى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئاتالمىش ​​دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، لۇگانسك خەلق جۇمھۇرىيىتى، خېرسون ۋە زاپورىجيە رايونلىرىنىڭ ئاھالىلەرگە قىلغان خىتابىدا، قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنانىڭ دونباس، زاپورىجيە ۋە خېرسون رايونلىرىنىڭ مۇستەقىللىق قارارىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان پۇتىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادا كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر زېمىن پۈتۈنلۈكىمىز تەھدىتكە ئۇچرىسا، رۇسىيە بارلىق چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ، بۇ بىر ھەيۋە ئەمەس.»

ئۇ، قسىمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ بۈگۈندىن ئېتىبارەن باشلىنىدىغانلىقىنى، غەرب ئەللىرىنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، مۇستەقىل تەرەققىيات مەركەزلىرىنى باستۇرۇشقا، رۇسىيەنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر زاپاس قىسىمدا تۇرۇۋاتقان ۋە ئىلگىرى ئارمىيەدە خىزمەت قىلغان، بەزى ھەربىي ئالاھىدىلىكلىرى ۋە تەجرىبىلىرى بار پۇقرالارلا قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىككە چاقىرتىلىدۇ. ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە چاقىرىلغانلار، قىسىمغا ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن، ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت تەجرىبىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، قوشۇمچە ھەربىي مەشىق سىنىقىدىن ئۆتىدۇ.»

بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، غەربنىڭ ئۇكرائىناغا رۇسىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئىشلىتىشكە ئەۋەتكەن قورال - ياراغلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ قورال - ياراغلىرىنى تېز ۋە ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ، كرېمىل سارىيىدا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، قىيىنچىلىق ۋە تەھدىتلەر نەزەردە تۇتۇلغاندا، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇكرائىنادىكى رۇسىيە قىسىملىرىنى قورال-ياراغ، ئۈسكۈنە ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى ئىشلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن پۇتىن، ئۇكرائىنادىكى «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» داۋامىدا رۇسىيەنىڭ قورال - ياراغلىرىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىيېۋدىكى ھازىرقى ھاكىمىيەتنى قوللاش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قورال - ياراغلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلمەكتە. بۇ، بىزگە قارشى ئىشلىتىلگەن ۋە ئۇ يەردە بار بولغان قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنى تەكشۈرۈشىمىز، ئىقتىدارىمىزنى سۈپەتلىك ئۆستۈرۈشىمىز ۋە بىز يەكۈنلىگەن تەجرىبە - ساۋاقلىرىمىزغا ئاساسەن ئۈسكۈنىلىرىمىز، قورال – ياراغلىرىمىزنى ئىلغارلاشتۇرۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نورمال ۋە ئەلۋەتتە ئىشلىتىشكە تېگىشلىك جەرياندۇر. بۇنى ئىمكانقەدەر تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.»

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر