گېرمانىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى سوتلانماقتا

گېرمانىيەنىڭ كوبلېنز شەھىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۆزگۇر ئا. تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش ۋە باشقۇرغۇچى بولۇش جىنايىتى بىلەن سوتلانماقتا.

1881963
گېرمانىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى سوتلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كارلسرۇخې شەھەرلىك فېدېراتىپ باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىدا، كوبلېنزدا سوراق قىلىنىۋاتقان مەزكۇر كىشىنىڭ بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئۆزگۇر ئا. نىڭ 2018-يىلى مايدىن باشلاپ پ ك ك سىپىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى، گۇماندارنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردە ھامبۇرگ، بېرلىن، سارلاند، رېيىنلاند-پالاتىنادا ئتەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش ​​رايون مەسئۇلى بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، بۇ كىشىنىڭ ئاساسلىقى تەشكىلات ئۈچۈن «ئىئانە توپلاش» قا مەسئۇل بولغانلىقى، بولۇپمۇ پايتەخت بېرلىندا ئىئانە قىلىش ئىمكانىيىتى بولغانلاردىن ئۆزى بىۋاستە پۇل توپلاشقا كاپالەتلىك قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق  تەشكىلاتىدا بولسا، تەشكىللەش، خادىملار ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇلىشىغا مەسئۇل بولغانلىقى، 29 - ئاپرېلدا ئۆزگۇر ئا. نىڭ برېمېندا نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ۋە تۇتۇپ تۇرۇپ سوتلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر