تۈركىيە ئۇگاندالىق يېتىم بالىلارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيەنىڭ كامپالادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فىكرەت كەرەم ئالپ ئۇگاندادىكى تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) نىڭ قوللىشى بىلەن تاماملانغان يېتىمخانىنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كەستى.

1881834
تۈركىيە ئۇگاندالىق يېتىم بالىلارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى فىكرەت كەرەم ئالپ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، 200 بالىنىڭ يېتىمخانىدا تۇرالايدىغانلىقىنى، يېتىم بالىلارنىڭ بىخەتەر مۇھىتتا ياشىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش ئەلچى فىكرەت كەرەم ئالپ بۇ يېتىمخانىنىڭ تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) نىڭ قوللىشى بىلەن تاماملانغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ تاشلانغان قەدەملەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ياخشى ۋە يامان كۈندىمۇ ھەقىقىي قېرىنداش ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باش ئەلچى ئالپ يېتىمخانىدا دەرسخانا، ئويۇن مەيدانى ۋە مەسچىت بارلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر