پۇتىن: تۈركىيە ئەڭ ئىشەنچلىك يوللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز توشۇشتا ياۋروپانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئىشەنچلىك يوللارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1881125
پۇتىن: تۈركىيە ئەڭ ئىشەنچلىك يوللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22 – نۆۋەتلىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولغان.

پۇتىن، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ساھەلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بولۇپمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قوشقان ۋە قوشۇۋاتقان تۆھپىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. بىز ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ مۇھىم قىسمىنىڭ ئەڭ نامرات دۆلەتلەرگە كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

«تۈركىيە، رۇسىيەدىن تەبىئىي گاز يۆتكەش پائالىيەتلىرىدە ئەڭ ئىشەنچلىك يوللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، <تۈرك ئېقىمى> لايىھەسى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشماقتا.»

«<ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى> غا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرمۇ داۋاملاشماقتا، بۇ ئىستانسىدىكى بىرىنچى سېخنىڭ 2023-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە ئىقتىسادى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىدىغان سىياسىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن پۇتىن، مۇنداق دېگەن: «تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى تېز ۋە قويۇق ھالەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەسكە سالالمايمىز. بىز تۈركىيەنىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ھەر جەھەتتىن قارشى ئالىمىز.»

پۇتىن، رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنىڭ % 25 تىنى رۇبلې ئارقىلىق سېتىۋېلىش كېلىشىمىنىڭ پات ئارىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭمۇ ئاشقانلىقىنى بايان قىلغان پۇتىن، رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تۈركىيە ئارقىلىق دۇنيا بازارلىرىغا سېتىشىغا  قارىتا قەدەم تاشلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر