ئامېرىكا پ ك ك غا قوراللىق تەلىم - تەربىيە بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەسكەرلىرى سۈرىيەنىڭ ھاسېكى ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى مالىكىييە ناھىيەسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىغا قوراللىق تەلىم - تەربىيە بەردى.

1877202
ئامېرىكا پ ك ك غا قوراللىق تەلىم - تەربىيە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى رايونلاردا ھەربىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۈچلىرى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە قوراللىق تەلىم - تەربىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى، مالىكىييەنىڭ تۈركىيە ۋە ئىراق چېگراسىغا يېقىن رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك مەنسۇبى 240 تېررورچىغا قوراللىق تەلىم - تەربىيە بەردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى، 2015 – يىلدىن بۇيان مىڭلارچە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىغا قوراللىق تەلىم - تەربىيە بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر