خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرى تاقالدى

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى چېڭدۇ شەھىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا (Kovid-19) مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سەۋەبىدىن كارانتىن ئاستىغا ئېلىندى.

1875280
خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرى تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تاقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چېڭدۇ شەھىرى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى شېنجېن شەھىرىدىن كېيىن، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولۇپ قالدى.

چېڭدۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، 21 مىليون نوپۇسلۇق شەھەردە تۈنۈگۈن (2022-يىلى 1-سېنتەبىر) كەچتىن باشلاپ كوچىغا چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ۋە تۆت كۈن بويىچە كوللېكتىپ تەكشۈرۈشلەرنىڭ قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پۇقرالارنىڭ تەكشۈرۈشتىن باشقا ۋاقىتلاردا سىرتقا چىقماسلىق تەلەپ قىلىندى، ھەر بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

شەھەردە كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدايدىغان تاللا بازارلىرى، دورىخانىلار ۋە توپ تارقىتىش شىركەتلىرىدىن باشقا، بارلىق كارخانا-شىركەتلەر ۋاقىتلىق تاقالدى، رېستوران ۋە ئاشخانىلارنىڭ زاكاستىن باشقا تەلەپلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى مەنئى قىلىندى.

يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر سەۋەبىدىن 1-سېنتەبىردە 2022-2023-يىللىق ئوقۇ-ئوتۇشنى باشلىماقچى بولغان مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشى كېچىكتۈرۈلدى. شەھەرگە كىرىش-چىقىشلارغا چەكلىمە قويۇلدى، ئىككى ئايرودۇرۇمنىڭ 1000 غا يېقىن ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر