شولز: ياۋروپا باشقىلارغا ئاز بېقىندى بولۇشى كېرەك

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز (Olaf Scholz) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بولۇپ، باشقىلارغا ئىنتايىن ئاز بېقىندى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1873924
شولز: ياۋروپا باشقىلارغا ئاز بېقىندى بولۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز گېرمانىيەگە زىيارەتكە كەلگەن ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز بىلەن كۆرۈشتى ۋە بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقى تېخىمۇ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بولۇپ، باشقىلارغا ئىنتايىن ئاز بېقىندى بولۇشى كېرەك. ئىچكى قىسىمدا ئىتتىپاققا، تاشقى جەھەتتە قەتئىي ئىرادىگە موھتاج.»

ئۇ خەۋپسىزلىكنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىنى، ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي بازار ئىقتىسادى ۋە دېموكراتىيەنى قوغداشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ، قانداق قىلغاندا، ئېنېرگيە بازىرىدىكى باھالارنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئوتتۇرا ياۋروپاغا گاز يەتكۈزۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىسپانىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا تۇرۇبا يولى بىنا قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيەدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياۋروپادا ئېلېكتر، گاز ۋە ھىدروگېن تور قۇرۇلۇشلىرىنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ قۇياش نۇرى مول ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىغان ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەنىڭ ئېنېرگىيەنى ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن كۆپ ئىشلەپچىقىرىپ ئېكسپورت قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ يەردىكى ۋەزىپە، بارلىق ئېنېرگيە مەنبەلىرى ئۈچۈن ياۋروپا تورى شەكىللەندۈرۈش» دېدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى سانچېز ئۆتكەن يىلىنىڭ (2021) ئاخىرىدا ئىسپانىيەدە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگيەسىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى سەۋەبىدىن مەزكۇر ئىستراتېگىيەنىڭ تېخىمۇ زۆرۈر ھالغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادقا، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ۋە ئېنېرگىيە تەمىنلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئۇرۇشنىڭ يۈكىنى ئادىل شەكىلدە بۆلۈشۈشنى تەلەپ قىلىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە ئۇرۇشقا جاۋاب قايتۇردى. مېنىڭچە بۇ توغرا ئۇسۇل. گېرمانىيە بىلەن ئىسپانىيە تېخىمۇ ھەمكارلىشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر