زېلېنسكىي: رۇسىيە بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي مارىيۇپولدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى سوتلانغان ئەھۋالدا، رۇسىيە بىلەن ھەر قانداق ئۇچرىشىشلارنىڭ ئىمكانسىز ھالغا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1870953
زېلېنسكىي: رۇسىيە بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تۈنۈگۈن كېچىدە ئېلان قىلغان ۋىدېئو نۇتۇقىدا، مارىيۇپولدا ئەسىردە تۇتۇلۇۋاتقان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى «شەكىلگە سوتلانغان» ئەھۋالدا، رۇسىيە بىلەن ھېچقانداق ئۇچرىشىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئەگەر بۇ پەسكەش سوتلاش بولسا، يەنى ئەسكەرلىرىمىز بارلىق خەلقئارالىق كېلىشىملەر ئاياق-ئاستى قىلىنغان ھالدا سوتلانسا، بۇ رۇسىيە بىلەن ھەر قانداق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولمايدىغان بىر قىزىل سىزىققا ئايلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر