ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىز، خەلقئارا كۈچلەر ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان يادرو پىلانى كېلىشىمىنىڭ «ناچار كېلىشىم ئىكەنلىكىنى، تېل ئاۋىۋنىڭ بۇنداق كېلىشىمگە قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

1870926
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گانتىز ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قانىلى «كان»نىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 7-ئايدىكى ئىسرائىلىيە زىيارىتى جەريانىدا بۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسرائىلىيەگە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، كېلىشىمنىڭ ھازىرقى شەكلىنىڭ بۇ ۋەدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يول قويىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز بۇ كېلىشىمگە قارشى. بۇ يادرو قورالى، يادرو قابىلىيىتى ۋە ئۇنى قويۇقلاندۇرۇش ئىقتىدارى ساھەلىرىدىكى بىر ناچار كېلىشىم» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى رەئىسى ئېيال خۇلاتا ۋاشىنگىتونغا بېرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ، ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىلىۋاتقان يادرو كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك پوزىتسىيەسىنى ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى جەيك سۇللىۋانغا يەتكۈزدى.

ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئىران، فىرانسىيە، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەر مارت ئېيىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توختىتىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر