<پېگاسۇس> ناملىق جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالىنى ئىجاد قىلغان ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدار ئىستېپا بەردى

ئىسرائىلىيەدە ناملىق جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالىنى ئىجاد قىلغان گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شالېۋ خۇلىيونىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1870773
<پېگاسۇس> ناملىق جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالىنى ئىجاد قىلغان ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدار ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ «The Times of Israel» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، <NSO> گۇرۇھى شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شالېۋ خۇلىيونىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا شىركەتنىڭ تىجارەت دىرېكتورى يارون شوخاتنىڭ ۋاقىتلىق تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شىركەت ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ، <NSO> گۇرۇھىنىڭ قايتا تەشكىللەش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ۋە بۇ دائىرىدە شىركەتنىڭ %13 خىزمەتچىسىدىن تەشكىل تاپقان 100 خادىمنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقى بايان قىلغان.

ئىسرائىلىيە تور بىخەتەرلىك شىركىتى <NSO> گۇرۇھى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان پېگاسۇس ناملىق جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تېلېفون سۆھبەتلىرىنى مەخپىي تىڭشاش، ئاۋاز خاتىرىلەش، ئېلېكترونلۇق خەتلەرنى نازارەت قىلىش ۋە تېلېفوندىن رەسىمگە تارتىش قاتارلىق جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «خارېتز» گېزىتىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەزەربەيجان، سالۋادور، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، پولشا، ۋېنگىرىيە، ھىندىستان، قازاقىستان، رىۋاندا، ماراكەش، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى  پەلەستىن ۋە ئىيوردانىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلەر پېگاسۇس جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق نازارەت قىلىنغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر