مىسىر گىرېتسىيە ۋە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى

مىسىر ئارمىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1870743
مىسىر گىرېتسىيە ۋە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسى باياناتچىسى غەرىب ئابدۇلھافىز ئۆزىنىڭ فېيسبۇكتىكى ئادرېسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ھىرەقل -2» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مىسىردا باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مانېۋىرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىرلىكتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھۆكۈمىتى قىسىملىرىنىڭ ئىشىتراك قىلىشى بىلەن باشلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئابدۇلھافىز، مانېۋىرغا ئامېرىكا، ئىيوردانىيە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋە بەھرەيننىڭ كۆزەتكۈچى سپۈىتىدە قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى مۇھەممەد نەجىب ھەربىي بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىرنىڭ بىر قانچە كۈن داۋام قىلىدىغانلىقىنى، بىرىنچى باسقۇچتا، مانېۋىرغا قاتناشقان قىسىملارنىڭ مانېۋىردا ئىشلىتىلىدىغان ئۇقۇملارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە قاتناشتۇرۇلىدىغان قوراللار بىلەن  تونۇشۇش مەقسەتلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھەربىي مانېۋىرنىڭ «مىسىرنىڭ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» نىشانىغا ماس ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان باياناتچى ئابدۇلھافىز، ئىلغار تېخنىكا قوراللىرى ۋە ئۈسكۈنىلەر ئىشلىتىلىدىغان مانېۋىرنىڭ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقىمۇ تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئوتتۇرا شەرقتە، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيانن خەلقئارا ۋە رايونلۇق جىددىيچىلىكلەرنىڭ كۈلەڭگىسى ئاستىدا كۆپ قېتىم ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر