گېرمانىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە رەھبەرلىرى تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون قاتارلىقلار تېلېفونلىشىپ، خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

1870622
گېرمانىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە رەھبەرلىرى تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ىستېفېن خېبېسترىت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رەھبەرلەرنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن مۇداپىئەلىنىش كۈرىشىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەھبەرلەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زاپوروجيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكلىرىگە ئىشارەت قىلغان خېبېسترىت، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدا ھەربىي قەدەملەر تاشلاشتىن ساقلىنىشنى ھەمدە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تېز سۈرئەتتە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تېزدىن زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ىستېفېن خېبېسترىت، رەھبەرلەرنىڭ، ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يادرو كېلىشىمى، ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر