ئەردوغان: «سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان،  «سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈشتە قەتئىي ئىرادىغا ئىگىمىز» دېدى.

1870392
ئەردوغان: «سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈنۈگۈن مانىسادا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، دۇنيا كرىزىسنىڭ ئۈستىگە كىرىزىسكە  دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ نىشانلىرىغا قاراپ، قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقەنلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ئىككى كۈن ئىلگىرى نەدە ئىدىم؟ ئۇكرائىنادا.  بىر ھەپتە ئىلگىرى نەدە ئىدىم؟ سوچىدا. نېمە ئۈچۈن؟ دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن. بىز بۇ يولدا دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن مەۋجۇتمىز. ئۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، تىنچلىق ئۈچۈن مەۋجۇتمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر