رۇسىيەنىڭ داڭلىق سىياسىي مۇتەخەسسىسنىڭ قىزى سۇيىقەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى

رۇسىيەنىڭ داڭلىق سىياسىي مۇتەخەسسىسى ئالېكساندىر دۇگىننىڭ قىزى داريا دۇگىنانىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا تەكشۈرۈش باشلاندى.

1870488
رۇسىيەنىڭ داڭلىق سىياسىي مۇتەخەسسىسنىڭ قىزى سۇيىقەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، داريا دۇگىنانىڭ ئولتۇرغان ئاپتوموبىلى پارتىلىتىلغانلىقى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى، دۇگىنا ھەيدىگەن ئاپتومبىلغا پارتىلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ يولدا كېتىۋاتقان پەيتتە پارتىلىغانلىقى  ئۇقتۇرۇلدى.

ئاپتوموبىلنىڭ دادىسى ئالېكساندىر دۇگىنغا تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئالېكساندىر دۇگىننىڭ 30 ياشلىق قىزى داريا دۇگىنا تۈنۈگۈن موسكۋا رايونىنىڭ ئودىنتسوۋو شەھىرى ئەتراپىدا ئولتۇرغان ئوپتوموبىلى پارتىلىغانلىقى سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر