خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئوتتۇرا لىنىيەدىن ھالقىغان ئۇچۇش ۋە چارلاشلىرىنى كۆپەيتتى

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كۈندۈزدە ئارال ئەتراپىدا ختايغا تەۋە 17 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 6 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1870453
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئوتتۇرا لىنىيەدىن ھالقىغان ئۇچۇش ۋە چارلاشلىرىنى كۆپەيتتى
çin tayvan.jpeg
nancy pelosi tayvan.jpg
cin-tayvan-bayraklari-askeri-ucaklar.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، خىتايغا تەۋە 17 ئايروپىلاندىن  7 سنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى <تەرەپلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى چەكلەش رايونى> دەپ قوبۇل قىلىنغان ھاۋا ۋە دېڭىز لىنىيەسىنىڭ شەرقىگە ھەمدە تەيۋەن «ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى» دەپ قوبۇل قىلىنغان رايوننىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا قاراپ ئۇچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، خىتاي ھاۋا ۋە دېڭىز ۋاستىلىرىنىڭ تەيۋەنگە تەۋە ئېلېكترونلۇق ئىز قوغلاش قورالى، چارلاش ئايروپىلانى، پاراخوت ۋە قۇرۇقلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تەرىپىدىن ئىز قوغلاپ كۆزىتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلىپ بارغان تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئوتتۇرا لىنىيەدىن ھالقىغان ئۇچۇش ۋە پاراخوت چارلاشلىرىنى قەرەللىك ھالغا كەلتۈرگەنلىكى كۆرۈلمەكتە.

خىتاي ئارمىيەسى پېلوسى خانىمنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، ئارال ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر