خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى بىلەن بوغۇشماقتا

خىتاي دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە مەركىزى خىتاينىڭ شىمالىي، شەرقىي ۋە ئىچكى قىسمىدا كۆرۈلگەن ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان «قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش» نىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1870423
خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى بىلەن بوغۇشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركەزنىڭ باياناتىدا، بۈگۈن گەنسۇ، شەنشى، خىنەن، ئەنخۈي ۋە باشقا ئۆلكىلەرنىڭ بەزى جايلىرىدا ئىسسىقلىقنىڭ 35 تىن 39 سېلسىيە گرادۇسقىچە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

شىئەنشى، سىچۈەن، خۇبېي، خۇنەن، ئەنخۇي، جياڭشى، جىجياڭ ئۆلكىلىرى ۋە چۇڭچىڭدا ئىسسىقلىقنىڭ 40 گرادۇستىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر