تۈركىيە - فىنلاندىيە - شىۋېتسىيە يىغىنى فىنلاندىيەدە چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە – فىنلاندىيە – شىۋېتسىيە تۇنجى نۆۋەتلىك دائىمىي بىرلەشمە مىخانىزم يىغىنى 26 – ئاۋغۇست كۈنى فىنلاندىيەدە چاقىرىلىدۇ.

1870253
تۈركىيە - فىنلاندىيە - شىۋېتسىيە يىغىنى فىنلاندىيەدە چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە تەرىپىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مادرىد باشلىقلار يىغىنىدا ئىمزالانغان «ئۈچ تەرەپلىك باياننامە» دائىرىسىدە ئورنىتىلغان دائىمىي بىرلەشمە مىخانىزمىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى، 26 – ئاۋغۇست كۈنى فىنلاندىيەدە چاقىرىلىدىكەن.

دائىمىي بىرلەشمە مىخانىزم يىغىنىنىڭ تۈركىيە ھەيئىتىگە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بىلەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال رەھبەرلىك قىلىدىكەن. ھەيئەتتىن، ئەدلىيە، ئىچكى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىدىنمۇ ۋەكىللەرنىڭ ئورۇن ئېلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھۇزۇرىدا 2022 – يىلى 28 – ئىيۇن كۈنى ئىمزالانغان «ئۈچ تەرەپلىك باياننامە» دە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى سۈپىتىدە، ھەر خىل شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرى ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە قارىتا بارلىق تەھدىتلەرگە قارشى تۈركىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقلىرى، پ ي د / ي پ گ ۋە فەتھۇللاھچى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللىمايدىغانلىقلىرى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەنىدى.

باياننامىدە، ئۈچ دۆلەت، تېررورىزم، تەشكىللىك جىنايەتلەر ۋە باشقا ئورتاق خىرىسلارغا قارشى  كۈرەشتە كېلىشىم دائىرىسىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر سەۋىيەدە ھۆكۈمەتلەر ئارا ئورتاق دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق مىخانىزىمى ئورنىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ دائىرىدە، ئۈچ دۆلەت، باياننامىگە ئاساسەن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى كۆزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار، ئىچكى ئىشلار ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقلىرى، ئاخبارات ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا دائىمىي بىرلەشمە مىخانىزم ئورنىتىشنى قارارلاشتۇرغانىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «ئۈچ تەرەپلىك باياننامە» دە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە، تۈركىيەگە قارىتىلغان مىللىي قورال - ياراغ ئېمبارگوسىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ۋە بىرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر