لىتۋانىيە خىتاي دىپلوماتىنى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىغا چاقىردى

لىتۋانىيە خىتاينىڭ لىتۋانىيەدىكى مەسلىھەتچىسى چۇ بەيخۇانى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.

1869879
لىتۋانىيە خىتاي دىپلوماتىنى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىغا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، لىتۋانىيە تەيۋەننى زىيارەت قىلغان لىتۋانىيە مۇئاۋىن قاتناش ۋە ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى ئاگنې ۋايچيۇكېۋىچۇتقا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوغا نارازلىق بىلدۈرگەن.

لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي دىپلوماتى چۇ بەيخۇاغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېمبارگو قارارىنىڭ، لىتۋانىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، قارارنىڭ دەرھال ئۆزگەرتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ جەرياندا، لىتۋانىيە تەيۋەندىكى سودا ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىقىغا، پاۋلىيۇس لۇكاۋسكاسنى تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر سودا ئىشخانىسىنىڭ سېنتەبىر (2022) ئېيىدا رەسمىي خىزمەت باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لىتۋانىيە مۇئاۋىن قاتناش ۋە ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى ئاگنې ۋايچيۇكېۋىچۇت 11 كىشىلىك ھەيئەت بىلەن مۇشۇ ھەپتىدە تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

خىتاي بۇ زىيارەتكە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاگنې ۋايچيۇكېۋىچۇتقا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر