تەيۋەن: خىتايغا ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرى كۆرۈلدى

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئارال ئەتراپىدا خىتايغا تەۋە 21 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 5 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1869228
تەيۋەن: خىتايغا ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرى كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتايغا ئائىت 5 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ «تەيۋەن بوغۇزى» دىكى بىتەرەپ رايوننىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز لىنىيەسىنىڭ شەرقىگە ۋە تەيۋەن «ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى» ئېلان قىلغان رايوننىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا ئۇچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، خىتايغا ئائىت ھاۋا ۋە دېڭىز ۋاسىتىلىرىنىڭ، ئېلېكترونلۇق ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىلىرى، چارلاش ئايروپىلانلىرى، پاراخوتلار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ئارقىلىق كۆزىتىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي ئارمىيەسى، «تەيۋەن ئارىلى» ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر