تەيۋەن ئەتراپىدا خىتايغا تەۋە 30 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 5 ئۇرۇش پاراخوتى كۆرۈلدى

تەيۋەن خىتايغا تەۋە 30 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 5 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئارال ئەتراپىدا كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1868121
تەيۋەن ئەتراپىدا خىتايغا تەۋە 30 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 5 ئۇرۇش پاراخوتى كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 17.00 دە خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە 30 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 5 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئارال ئەتراپىدا كۆرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، 15 خىتاي ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى «تەرەپلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى چەكلەش رايونى» دەپ قوبۇل قىلىنغان ھاۋا ۋە دېڭىز لىنىيەسىنىڭ شەرقىگە ئۇچقانلىقى  ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، خىتايغا تەۋە ھاۋا ۋە دېڭىز ۋاستىلىرىنىڭ تەيۋەنگە تەۋە ئېلېكترونلۇق ئىز قوغلاش قورالى، چارلاش ئايروپىلانى، پاراخوت ۋە يەر يۈزى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئارقىلىق ئىز قوغلاپ كۆزىتىلگەنلىكى تەكىتلىنىپ، «بىز خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مانېۋىرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئارمىيەسى ئارال ئەتراپىدا «ھەربىي چارلاش پائالىيىتى ۋە مانېۋىر» باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي ئارمىيەسى شەرق فرونتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى شى يى «تەيۋەن ئەتراپىدا بىرلەشمە جەڭ تەييارلىقى چارلاش  پائالىيەتلىرى ۋە ھەقىقىي ئۇرۇش مانېۋىرى» ئۆتكۈزۈدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ چيەنمۇ ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى بۇزۇشتىكى ئامېرىكانىڭ رولىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى  بىلدۈرۈپ، «ئارمىيەنىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىزدا ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى ۋە مەشىق قىلىشى، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ جىنايى بىرلىكىگە ھەمدە ئىغۋاگەرچىلىكىگە بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقتۇر» دېگەن ئىدى.

 


خەتكۈچ: #خىتاي , #تەيۋەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر