تەيۋەن ئەتراپىدا تۈنۈگۈن خىتايغا تەۋە 29 ئۇرۇش ئايروپىلانى كۆرۈلدى

تەيۋەن تۈنۈگۈن ئارال ئەتراپىدا خىتايغا تەۋە 29 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 6 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1867560
تەيۋەن ئەتراپىدا تۈنۈگۈن خىتايغا تەۋە 29 ئۇرۇش ئايروپىلانى كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئارال ئەتراپىدا كۆرۈلگەن ئايروپىلانلاردىن 13 ىنىڭ <تەيۋەن بوغۇزىدىكى تەرەپلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى چەكلەش رايونى> دەپ قوبۇل قىلىنغان ھاۋا ۋە دېڭىز لىنىيەسىنىڭ شەرقىگە ھەمدە تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى (ADIZ) نىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا قاراپ ئۇچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا خىتاي ھاۋا ۋە دېڭىز ۋاستىلىرىنىڭ تەيۋەنگە تەۋە ئېلېكترونلۇق ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى، چارلاش ئايروپىلانى، پاراخوت ۋە يەر يۈزى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن ئىز قوغلاپ كۆزىتىلگەنلىكى  ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نېنسى پېلوسىنىڭ 2-ۋە 3- ئاۋغۇست كۈنلىرى تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي ئارال ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.

خىتاي 6 رايوندا ئېلىپ بارغان  مانېۋىر ئارقىلىق ئارالنىڭ ئەتراپىدا ئەمەلىي قورشاۋنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

خىتاي ئارمىيەسى 10- ئاۋغۇستتا مانېۋىرنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي چارلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر