رۇسىيەنىڭ تۈنۈگۈنكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 10 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ دنىپتوپېتروۋىسكىي رايونىغا قاراشلىق مارگانېتس شەھىرىگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك ھۇجۇمىدا 10 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1866324
رۇسىيەنىڭ تۈنۈگۈنكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 10 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارگانېتس شەھەر باشلىقى كاتىپى ئاناتولى دېركاچ، «باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك ھۇجۇمىدا 10 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 11 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى» دېدى.

دېركاچ بۇ ھۇجۇملارنىڭ پۇقرالار ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ رۇسىيە تۇنجى بومباردىمان قىلغان جايلاردىن بىرسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر