ياۋروپا خىرپا شىركىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى سېتىۋالىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسپانىيەنىڭ خىرپا (HIPRA) شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىدىن 250 مىليون شىشە سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1863313
ياۋروپا خىرپا شىركىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياسالغان ۋاكسىنالارنى سېتىۋېلىش ئىستراتېگىيەسى رامكىسىدا، ئىسپانىيەنىڭ خىرپا شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ياۋروپا دورا ئاگېنتلىقى مەزكۇر ۋاكسىنانىڭ بىخەتەر ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەستىقىلىغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 14 دۆلەتنىڭ 250 مىليون شىشىگىچە سېتىۋالالايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ياۋروپا دورا ئاگېنتلىقى (EMA) خىرپا شىركىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر