بەش دۆلەت ئارمىيەسى تەيۋەن جىددىيچىلىكىنىڭ كۆلەڭگىسىدە مانېۋىر باشلىدى

ئامېرىكا، ھىندونېزىيە، ئاۋستىرالىيە، ياپونىيە ۋە سىنگاپور ئارمىيەلىرى خىتاي بىلەن بولغان يىرىكچىلىكلەرنىڭ كۆلەڭگىسىدە، سۇماترا ئارىلىدا تۇنجى قېتىم باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشى ئاستىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى.

1863047
بەش دۆلەت ئارمىيەسى تەيۋەن جىددىيچىلىكىنىڭ كۆلەڭگىسىدە مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكانىڭ جاكارتادىكى ئەلچىخانىسى ئامېرىكا ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق بەش دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ سۇماترا ئارىلىدا بىرلەشمە مانېۋىر باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان سىياسىتىنى قوللاش مەقسىتىدە، ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىقنى، ئىقتىدارنى، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكيان ئارمىيە قوماندانى گېنېرال چارلېز فلين (Charles Flynn): «مەزكۇر مانېۋىر ئامېرىكا-ھىندونېزىيە رىشتىسىنىڭ بۇ مۇھىم رايوندا قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرى ئارىسىدا كۈچەيگەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سىمۋولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرى رايوننىڭ خەۋپسىزلىك مىمارىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىدىغان يىلىم» دېدى.

ئامېرىكا، ھىندونېزىيە، ئاۋستىرالىيە، ياپونىيە ۋە سىنگاپوردىن كەلگەن 5 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان مانېۋىر، «2009-يىلدىن بۇيانقى رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ مانېۋىر» دەپ كۆرسىتىلمەكتە.

ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكيان ئارمىيە قوماندانى گېنېرال چارلېز فلين بىلەن ھىندونېزىيە ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى ئاندىكا پېركاسا، جەنۇبىي سۇماترا ئىشتاتىدىكى باتۇراژا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم بىلەن بىرلەشمە مانېۋىرنى باشلاش بۇيرۇقىنى بەردى.

قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى قاتناشقان بىرلەشمە مانېۋىر 14-ئاۋغۇستقىچە (2022) داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر