خەلقئارا جەمئىيەت ئودېسسا پورتىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، ئودېسسا پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسدا رۇسىيەنى ئەيىبلەپ: «رۇسىيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشقا، كېلىشىم تۈزۈشكە ئېھتىياج بار دېيىلگەندە، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەك» دېدى.

1858700
خەلقئارا جەمئىيەت ئودېسسا پورتىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا: «رۇسىيەنىڭ ئودېسسا پورتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قىلغان ھۇجۇمى مەسخىرە خاراكتېرلىك بىر ھۇجۇم. بۇ شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ سىياسىي مەيدانىغىمۇ زەربە بەردى. رۇسىيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشقا، كېلىشىم تۈزۈشكە ئېھتىياج بار دېيىلگەندە، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەك. تاجاۋۇزچىلار ئەمدى ھېچكىمنى ئالدىيالمايدۇ. بۇ ھۇجۇمدا ئودېسسا سەنئەت مۇزېيى بىناسىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. رۇسىيەنىڭ ۋەھشىيلىكى بىزنى غەلىبىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشكە كېرەكلىك بولغان قوراللارغا ئېرىشىشكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئودېسسا پورتىغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ... ئىستانبۇل كېلىشىمى ئىمزالىنىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاشلىق ئېكسپورتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنلارنىڭ بىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى،  رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ۋەدىلەرگە پۈتۈنلەي سەل قارايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتىلىدى،  ئۇ چوقۇم ئەيىبلىنىشى كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېنمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېدى.

ئۇ، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى سىرتقا يۆتكەش كېلىشىمى ئىمزالىنىپ بىر نەچچە سائەت كېيىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق مىليونلىغان پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە سەل قارايدىغانلىقىنى نامايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا... بۇ ھۇجۇم رۇسىيەنىڭ كېلىشىمدىكى ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى توغرىسىدا ئېغىر ئەندىشە پەيدا قىلدى ھەمدە تۈركىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىقنى بازارغا سېلىش تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇكرائىنا دائىرىلىرى، تۈنۈگۈن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئودېسسا پورتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. رۇسىيە ئودېسساغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا تېخى بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر