دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مايمۇن چېچىكىنى «يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ئەھۋال» ئېلان قىلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مايمۇن چېچىكى يۇقۇمىنى «يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ئەھۋال» دەپ ئېلان قىلدى.

1858702
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مايمۇن چېچىكىنى «يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ئەھۋال» ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى، دوكتور تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، 21-ئىيۇل تەشكىلاتنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن جىددىي ئەھۋال كومىتېتى يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاخباراتچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغىچە 75 دۆلەتتە 16 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكلىرىنى، بەش كىشىنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېبرېيۇس جىددىي ئەھۋال كومىتېتى يىغىنىدىكى ۋىرۇسنىڭ خەتىرىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق پىكىرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «كومىتېت مايمۇن چېچىكى يۇقۇمىنىڭ خەلقئارا ئامما ساغلاملىقى جىددىي ھالىتى تەشكىل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرلىككە كېلەلمىدى» دېدى.

ۋىرۇسنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە تۇنجى كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېبرېيۇس، ۋىرۇسنىڭ يېڭى يۇقۇش شەكىللىرى بىلەن دۇنيادا تارقىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا دائىر مەلۇماتلارنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ۋىرۇسنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تارقىلىش نىسبىتى نورمال بولسىمۇ، ياۋروپادا ناھايىتى تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شۇڭا مەن مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ خەلقئارا ئامما ساغلاملىقى جىددىي ھالىتى تەشكىل قىلغانلىقىغا قارار قىلدىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر