ياۋروپا رۇسىيەنىڭ بەش دۆلەتنى «دوستانە بولمىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەش دۆلەتنى «دوستانە بولمىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1858560
ياۋروپا رۇسىيەنىڭ بەش دۆلەتنى «دوستانە بولمىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ گىرېتسىيە، دانىيە، سىلوۋېنىيە، سىلوۋاكىيە ۋە كىرودىيەنى «دوستانە بولمىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى دوستانە بولمىغان ھەرىكەتلەر توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئاساسسىز ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەيىبلەش دەپ قارايدۇ ۋە رۇسىيەنى بۇ خىل تىزىملىكلەرنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىدۇ. بۇ قارار رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان زىددىيەتنى كۈچەيتىشنىڭ يەنە بىر قەدىمىدۇر» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن تۇرغۇزۇلغان «دوستانە بولمىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن دۆلەتلەرنىڭ، رۇسىيەدىكى دىپلوماتىك خىزمەتلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىدا يەرلىك خادىملارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، گىرېتسىيە ئۈچۈن 34، دانىيە ئۈچۈن 20، سلوۋاكىيە ئۈچۈن 16 كىشىلىك يەرلىك خادىمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چەكلىمىسى قويۇلغانلىقى، سىلوۋېنىيە بىلەن كىرودىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دىپلوماتىك ئورۇن ۋە كونسۇلخانىلىرىدا يەرلىك خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر