دۇنيا جامائەتچىلىكى تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى دۇنيا بازارلىرىغا سېلىش كىرىزىسى ھەل قىلىندى.

1858473
دۇنيا جامائەتچىلىكى تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئالاقىدار ۋەكىللىرى تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا تارىخىي ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى قارا دېڭىز ئارقىلىق دۇنيا بازارلىرىغا يۆتكەش كېلىشىمنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت ئارقا – ئارقىدىن باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا ئوينىغان رولى ۋە كۆرسەتكەن زور تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، كېلىشىمنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زور تىرىشچانلىقى، قەيسەرلىكى ۋە ئىرادىسى نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بۇ كېلىشىم دۇنيادىكى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بارلىق دۆلەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېنمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا بۇ كېلىشىمنى قارشى ئالىدۇ ھەمدە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ سۆھبەتلەرگە مۇرەسسەچىلىك قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا رۇسىيەنى مەسئۇل قىلىشى، ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىنى قامال قىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربىمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە گۇتېررېسنىڭ مۇرەسسە قىلىش تىرىشچانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ تۈركىيەنىڭ بۇ جەرياندىكى مۇھىم رولىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، كېلىشىمنى تېزدىن ئىجرا قىلىشقا چاقىردى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، كېلىشىمنىڭ سەلبىي يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە كېلىشىمنىڭ يەر شارىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، ئۆزلىرىنىڭ كېلىشىمنى ئىمزالاش ئارقىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىيمۇ كېلىشىم مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگى، كېلىشىمنىڭ يەر شارى ئاشلىق كىرىزىسىنى ئازايتىشتىكى مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭدىن باشقا ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەن لىندې، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىز ترۇس، كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بەھرەيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى مۇسا فاقى مۇھەممەد قاتارلىقلارمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە ئىمزالانغان كېلىشىمدە تۈركىيەنىڭ ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر