گېبرېيۇس دۇنيا ئەللىرىنى يۇقۇمنىڭ نۆۋەتتىكى يۆنىلىشىگە قارشى جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى

دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1857586
گېبرېيۇس دۇنيا ئەللىرىنى يۇقۇمنىڭ نۆۋەتتىكى يۆنىلىشىگە قارشى جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى دوكتور تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، تەشكىلاتنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا قايتىدىن ئەۋج ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ھەققىدە توختالدى.

يېقىنقى 6 ھەپتە ئىچىدە دۇنيا مىقياسىدىكى ھەپتىلىك يېڭى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ بىر ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى تەكىتلىگەن گېبرېيۇس: «گەرچە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىدىكى ئېشىش يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدىكىدەك تېز بولمىسىمۇ، يەنىلا يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. يۇقۇملىنىشتىكى ئېشىش ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە تېخىمۇ كۆپ بىمارنىڭ بالنىستلارغا ئېلىنىشى ۋە ۋاپات بولغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىنى كۈتىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىكى ئېشىشتا، يۇقۇمنىڭ قايسى ۋارىيانتىنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «بۇ ئېشىشنىڭ سەۋەبى بىز ئاللىبۇرۇن بىلىدىغان بىر خىل ۋارىيانت بولۇشىمۇ ياكى پۈتۈنلەي يېڭى ۋارىيانت بولۇشىمۇ مۇمكىن» دېدى.

يۇقۇمنىڭ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ۋارىيانتلىرىنىڭ بۇرۇنقىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن گېبرېيۇس، «بارلىق دۆلەتلەر تەييار تۇرۇشى كېرەك. يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەتكەن دۆلەتلەر ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە» دەپ ئاگاھلاندۇردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دوختۇرخانىلار توشۇپ كەتمىگەن ھازىرقى شارائىتتا، بارلىق دۆلەتلەر ۋىرۇسنى كۆزىتىش، ئىممۇنىتېت كۈچى، ئەمگەك كۈچى، تەمىنلەش ۋە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نۆۋەتتىكى كوۋىد-19 ۋاكسىنىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل ۋە ئۆلۈم خەۋپىگە قارشى يەنىلا ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان باش دىرېكتور، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى خەتەر ئاستىدىكى ياشانغانلار ۋە باشقا گۇرۇپپىلارغا، بولۇپمۇ سەھىيە خىزمەتچىلىرىگە ۋاكسىنا ئەملەشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر