ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا قوشۇمچە ھەربىي ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، ئۇكرائىناغا 500 مىليون ياۋرو قىممىتىدە قوشۇمچە ھەربىي ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1856548
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا قوشۇمچە ھەربىي ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمترو كۇلېبانىڭ يىغىنغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلىپ، دۆلىتىدىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەت توغرىسىدا  مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ۋەزىيەتنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بوررېل: «مىنىستىرلار ئۇكرائىنانى قوللاشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى بىردەك ماقۇللىدى» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ تېخىمۇ كۆپ قورالغا موھتاج ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي ھەربىي ياردىمىنى 2 مىليارد 500 مىليون ياۋروغا يەتكۈزۈپ 500 مىليون ياۋرو قوشۇمچە ھەربىي ياردەم بېرىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك قارارنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جوسېپ بوررېل رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانىڭ «ئۈنۈمنى كۆرسەتكەنلىكى»نى تىلغا ئېلىپ: «رۇسىيە ئىقتىسادى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى، جازالار ئۇرۇشنى بىر كېچىدىلا ئاخىرلاشتۇرالمايدۇ، ئەمما رۇسىيەگە نۇرغۇن ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر