ۋۇخەن ۋىرۇسى دۇنيا مىقياسىدا قايتىدىن كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر بەش ھەپتىدىن بۇيان كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى.

1856378
ۋۇخەن ۋىرۇسى دۇنيا مىقياسىدا قايتىدىن كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا 2022-يىلى مارتتىن باشلاپ ئازىيىشقا باشلىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن تارتىپ قايتىدىن كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ھەپتىلىك دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ھەپتە دۇنيا مىقياسىدا 5.7 مىليون كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇ رەقەم ئىلگىرىكى ھەپتىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %6 ئاشقان.

يۇقۇملىنىشنىڭ كۆپىيىشىگە، ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ تارقىلىشى تېز بولغانBA.4  ۋەBA.5 تۈرلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇملىنىش كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپەيمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە دۇنيادا ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك 9 مىڭ 800 ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلگەن، ئەمما بىر ئىلگىرىكى ھەپتىگە سېلىشتۇرۇلغاندا رەقەم ئوخشاش بولغان.

رايونلار ئارا سېلىشتۇرۇلغاندا، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ۋەقە %28 لىك نىسبەت بىلەن غەربىي تىنچ ئوكيان رايونى ۋە %25 لىك نىسبەت بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە كۆرۈلگەن. ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ئافرىقادا %33، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكادا %1 ئازايغان بولسا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا %5، ياۋروپادا %4 ئاشقان.

ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ھەپتىلىك ئۆلۈم رەقەملىرى ئوتتۇرا شەرقتە %78، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا %23 ئاشقان بولسا، ئافرىقادا %17، غەربىي تىنچ ئوكياندا 510، شىمالىي، جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكادا %1 ئازايغان. ياۋرودا بۇ سان ئۆزگەرمىگەن.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC) 13-ئىيۇل (2022) بايانات ئېلان قىلىپ، ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭBA.4 ۋەBA.5تۈرلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە %80 تىن ئارتۇقىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خىل ۋەزىيەت داۋاملاشقان ئەھۋال ئاستىدا، دۇنيادا كۈز ئايلىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېڭى دولقۇنىنىڭ كۆرۈلۈش مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تېدروس ئادخانوم ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ داۋاملىق «يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ئەھۋال» دەپ بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر