ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختالدى

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇيىگى دى مايو  7 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدىن قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1841674
ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۇيىگى دى مايو  تۇسكانا بىلەن ئېمىليا-روماگنا رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئاپېنىن تېغىدا 7 كىشىنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولغان تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋەقەسى ھەققىدە تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

مىنىستىر لۇيىگى دى مايو: «ئۇچقۇچى، 4 تۈركىيە ۋە 2 لىۋان پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان كۇسنا تېغىدىكى ۋەقەدىن قاتتىق ئازابلاندىم. ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن. توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرى ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ ھازىرچە مەخپىي ئىكەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىنمۇ ياكى ئارقىسىدا باشقا ئىشلار بارمۇ؟ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى يازدى.

9- ئىيۇن ئىتالىيەنىڭ لۇككا شەھىرىدىن ترېۋىسوغا بېرىش ئۈچۈن 7 كىشىنى ئېلىپ ئۇچقان تىك ئۇچار مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن راداردىن غايىب بولغان ئىدى.

ئىتالىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى 11-ئىيۇن ئەتىگەندە كۇسنا تېغىدا 1922 مېتىر ئېگىزلىكتە تىك ئۇچارنىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ھادىسىدە ھېچ كىشىنىڭ ھايات قالمىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر