ناتو پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

ناتو پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدە ھاۋا مۇداپىئەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ.

1839464
ناتو پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو ھاۋا مۇداپىئەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدە كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ.

«22-رامستېيىن لېگاسى» (RamsteinLegacy 22) دەپ نام بېرىلگەن ۋە 6-10 ئىيۇن كۈنلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان مانېۋىرغا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى قاتناشتۇرۇلىدۇ. مانېۋىر پولشادىن باشقا، لىتۋانىيە، ئېستونىيە ۋە لاتۋىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مانېۋىرغا، ناتو ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىدىن تەشكىل تاپقان 17 دۆلەت ئىشتىراك قىلىدۇ.

ناتونىڭ مەزكۇر مانېۋىر ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئىتتىپاق دۆلەتلىرىنىڭ چېگرالىرىغا يېقىن جايلاردا باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، خاتا ھېسابلاش ۋە كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويۇش قاتارلىق ئېھتىماللىقلار بىلەن ناتو رايونىغا بولغان تەھدىتنىڭ كۆپەيگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ناتو ئىتتىپاقداش ھاۋا قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى گېنېرال جېف خاررىجىن (Jeff Harrigian) مانېۋىر توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «رۇسىيە ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ۋەزىيەت نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇنىڭغا ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك مانېۋىرلار، ناتو ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەر قاچانقىدىن تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

ئۇ مانېۋىردا ناتونىڭ ئۆز رايونىنى قوغداش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مەقسەت قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتتى ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ئىتتىپاقنىڭ رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى سادىقلىق بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر