تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 38 ئەزاسى قولغان ئېلىندى

ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى كەركۈكتە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 38 ئەزاسىنى تۇتتى.

1837759
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 38 ئەزاسى قولغان ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ھەرىكەت قوماندانى ئەلى فرەجى كەركۈكنىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلى فرەجى ھەرىكەتتە 38 تېررورچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، نۇرغۇن قورال ۋە ئوق-دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

فرەجى ھەرىكەتتە يەنە، دائېشقا تەۋە 8 پاناھجاينىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى، 17 بومبا مېخانىزمى ۋە نۇرغۇن قوراللارنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

دائېش 2014-يىلى 6-ئايدا ئىراقنىڭ مۇسۇل، سالاھاددىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەممىنى شۇنداقلا دىيالا ۋە كەركۈك ئۆلكىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلغان بولۇپ، بۇ رايونلار بىر نەچچە يىل ئىچىدە تەشكىلاتتىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئىدى.

ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئابادى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى دائېشنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش رايوندىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، شەھەرلەر قايتۇرۇۋېلىنغىنىغا 4 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بولۇپمۇ كەركۈك، دىيالا، مۇسۇل، سالاھاددىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر