فىنلاندىيە مۇداپىئە مىنىستىرى: مەۋجۇت ۋەزىيەتكە چارە تېپىشقا تەييارمىز

فىنلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتتى كايكونېن، تۈركىيەنىڭ دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىغا قارشى چىقىشى مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.

1836961
فىنلاندىيە مۇداپىئە مىنىستىرى: مەۋجۇت ۋەزىيەتكە چارە تېپىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتتى كايكونېن، تۈركىيەنىڭ دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىغا قارشى چىقىشى مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، «بىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە تېپىشقا تەييارمىز» دېدى.

ئانتتى كايكونېن پايتەخت خېلسىنكىدا بىر تۈركۈم مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا،  فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنۇش مۇساپىسى ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز بارلىق ئىتتىپاقداشلار بىلەن قويۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ۋە بۇ باسقۇچنىڭ تېز ئىلگىرىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتىمىز» دېدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈشى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، ناتونىڭ ئوچۇق ئىشىك سىياسىتىنى ياقلايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «مەن بۇ مەسىلىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز، لېكىن بىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە چارە تېپىشقا تەييارمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگمۇ، تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى دائىرىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر