باش ۋەزىر بورىس جونسون ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بورىس جونسون كارانتىن جەريانىدا باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىياپەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنىڭ سەلبىي نەتىجىلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1832769
باش ۋەزىر بورىس جونسون ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون پېشقەدەم مەسلىھەتچى سۇ گراي (Sue Gray) تەييارلىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان كارانتىن جەريانىدا باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي دوكلاتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى.

ئۇ بۇ سەتچىلىكلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن غەزەپلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ بولغان ئىشلارغا نارازى بولغانلىقىنى چۈشىنىمەن. بىراق، قەتئىي ھالدا ۋەزىپەمنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەرگەن ۋەدىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ۋەزىپەم دەپ ئويلايمەن. دوكلاتنىڭ نەتىجىلىرى كىشىنى قانچىلىك بىئارام قىلىشى ۋە سەلبىي بولۇشى، شۇنداقلا كىشىنى قانچىلىك خېجىل قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ۋەزىپەمنى داۋاملاشتۇرۇشۇم، ھۆكۈمەتمۇ ئالغا ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلىمىز» دېدى.

ئەنگلىيە ساقچىلىرى 2020-يىلى ۋە 2021-يىلى ۋۇخەن ۋىرۇسى كارانتىن تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 12 ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، مۇشۇ يىلنىڭ (2022) بېشىدا تەكشۈرۈشنى باشلىغان ئىدى.

تەكشۈرۈش رامكىسىدا، باش ۋەزىر بورىس جونسونغا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى زىياپىتىگە قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن جەرىمانە قويۇلغان ئىدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى كارانتىن تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بېرىلگەن جەرىمانەدىن كېيىن، 12-ماي (2022) خەلقتىن ئەپۇ سورىغان، ئەمما ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پېشقەدەم مەسلىھەتچى گراي ساقچىلار ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشنى باشلىغاندىن كېيىن، تەييارلىغان دوكلاتىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

دوكلاتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسى كارانتىن تەدبىرلىرى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسىدە ئكتكۈزۈلگەن زىياپەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تەدبىرلەرگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، تازىلىق ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭمۇ «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» مۇئامىلىگە دۇچار بولغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر