پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى

ئامېرىكا جورجى تاۋن ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، پەلەستىن بايرىقى بىلەن سەھنىگە چىققان پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى.

1830654
پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ  پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان جورجى تاۋن ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

قولىدا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، دىپلوماسىنى ئېلىش ئۈچۈن سەھنىگە چىقققان پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچى سەھنىدە ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەۋاتقان ئانتونى بلىنكېن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى.

سەھنىدىكى باشقا كىشىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن، ئەمما بلىنكېن بىلەن كۆرۈشمىگەن بۇ پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ چاغدىكى نۇتقىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر