فىلىپپىندا پاراخوتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 7 كىشى قازا قىلدى

فىلىپپىندا پاراخوتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 7 كىشى قازا قىلىپ، 24 كىشى يارىلاندى.

1830613
فىلىپپىندا پاراخوتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 7 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى مەسئۇللىرى فىلىپپىننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پولىللو ئارىلىدىن 134 يولۇچى بىلەن يولغا چىققان  پاراخوتنىڭ كېۋزون ئۆلكىسىدىكى رېئال پورتىغا يېقىنلاشقاندا  ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئوت ئاپىتىدە 7 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يارىلانغان 24 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار مەسئۇللار پاراخوتتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ھەمبەھىرلىدى ۋە پاراخوتتىكى ئوتنىڭ ئۆچۈرۈۋىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر