پۇئېرتو رىكودا كېمە قازاسى يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلدى

پورتو رىكونىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا كۆچمەنلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتقان كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 11 ئادەم قازا قىلدى.

1826391
پۇئېرتو رىكودا كېمە قازاسى يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پورتو رىكو تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بارماقچى بولغان كۆچمەنلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتقان كېمە، پۇئېرتو رىكونىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا چۆكۈپ كەتكەن.

قازادا كېمىدىكى 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 31 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، قازادا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى دومىنىكالىق ياكى ھايتىلىق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر