ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ تالاپەتلىرىگە دائىر يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا باش قوماندانلىق ئىشتابى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 26000 ئەسكەر، 199 ئايروپىلان، 158 تىك ئۇچار ۋە 1170 تانكىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1824647
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ تالاپەتلىرىگە دائىر يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24-فېۋرالدىن 10-مايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زىيانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە 350 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ جەمئىي 26 مىڭ ئەسكىرىنىڭ ھالاك بولغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا 199 ئايروپىلان، 158 تىك ئۇچار، 1170 تانكا، 2808 بىرونېۋىك، 519 زەمبىرەك، 185 راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ۋە 87 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ يەنە، 1980 ماشىنا، 12 پاراخوت، يېنىك تىپلىق تېز سۈرئەتلىك كېمە ۋە 380 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا، رۇسلار قويۇپ بەرگەن 94 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ  ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 25-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا 1335 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر