ئېكۋادور تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن توپىلاڭدا 100 دىن ئارتۇق مەھبۇس قېچىپ كەتتى

ئېكۋادوردا تۈرمىدە يۈز بەرگەن توپىلاڭ ۋە توقۇنۇشتا 43 مەھبۇس ئۆلۈپ، 100 دىن ئارتۇق مەھبۇسنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1824529
ئېكۋادور تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن توپىلاڭدا 100 دىن ئارتۇق مەھبۇس قېچىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن ئەتىگەن سانتو دومىنگو دې لوس تساچىلاس شەھىرىدىكى بېللاۋىستا تۈرمىسىدە باشلانغان توپىلاڭ ۋە توقۇنۇشتا نۇرغۇن مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاندى.

تەپتىش مەھكىمىسى تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ھازىرغا قەدەر قازا قىلغان 43 مەھبۇس بار، تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا. قوزغىلاڭنىڭ ئاخىرقى سائەتلىرىگە  يېقىن 100 دىن ئارتۇق مەھبۇسنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاندى» دېدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پاترىسىئو كاستىللو بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە 112 مەھبۇسنىڭ قېچىشتىن توسۇپ قىلىنغانلىقىنى ۋە قاچقانلارنى تۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈرمىدىكى توپىلاڭنىڭ پۈتۈنلەي كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر كاستىللو، كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش نەتىجىسىدە، كامىرلاردا قورال-ياراغ ۋە پىچاق قاتارلىق قوراللارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېكۋادوردا 30 مىڭ مەھبۇس سېغىمچانلىقىغا ئىگە 65 تۈرمىدە تەخمىنەن 39 مىڭ مەھبۇس ۋە جىنايەتچى بار بولۇپ، تۈرمىدىكى جىنايەت شايكىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بەزىدە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مالىمانچىلىقلارغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.

ئېكۋادوردا ئۆتكەن يىلدىن بۇيان رەقىب قارا گۇرۇھلار ئارىسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 400 دىن ئارتۇق مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر