G7 دۆلەت گۇرۇھى خوڭكوڭنىڭ ۋالىي سايلىمى مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلدى

تەرەققىي تاپقان G7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېيجىڭنى خوڭكوڭ مەسىلىسىدە ئەنگلىيە-خىتاي بىرلەشمە خىتابنامەسىگە ۋە باشقا قانۇنىي مەجبۇرىيەتلەرگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

1824143
G7 دۆلەت گۇرۇھى خوڭكوڭنىڭ ۋالىي سايلىمى مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، كانادا، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەدىن تەشكىل تاپقان G7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاينىڭ خوڭكوڭدا بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ سابىق مەسئۇلى جون لى كاچيۇنىڭ ۋالىيلىققا سايلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلار خوڭكوڭدا لى فامىلىلىكنىڭ ۋالىيلىققا سايلىنىشىدا رول ئوينىغان سايللام كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز تاشلىشىدا كۈچكە ئىگە 1 مىڭ 426 ئاۋازنىڭ 1 مىڭ 416 سىگە ئېرىشىپ خوڭكوڭنىڭ يېڭى رەھبىرى بولغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە سايلامغا «سىياسىي كۆپ خىللىققا ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكلەرگە قارشى قىلىنىۋاتقان ھۇجۇم» دەپ باھا بەردى.

مىنىستىرلار يەنە، نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋەزىپىگە تەيىنلەشنىڭ، «خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقلىرىغا پالتا چاپقانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«مەۋجۇت نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانىدىن زور دەرىجىدە چەتنەپ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىللىك قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بىز سىياسىي ۋە پۇقرالار ھوقۇقىنىڭ بۇ خىل مۇقىم بۇزۇلۇشى ۋە خوڭكوڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيەسى مەسىلىسىدە قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز.»

مىنىستىرلار بېيجىڭنى ئەنگلىيە-خىتاي بىرلەشمە خىتابنامەسىگە ۋە خوڭكوڭدىكى باشقا قانۇنىي مەجبۇرىيەتلەرگە رىئايە قىلىشقا، لى فامىلىلىكنىڭ خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئاساسىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرگە ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى

جون لى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە يېقىن سىياسەتچى بولۇپ، ئىچكى بىخەتەرلىك بىيۇروكراتلىقىدىن كەلگەن. ئۇ 1997-يىلى ئەنگلىيە خوڭكوڭنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن بۇيان، ساقچىلىقتىن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان تۇنجى تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر