«شىمالىي كورېيە ‹گۇمانلىق› باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى»

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىي دېڭىز (ياپون دېڭىزى) تەرەپكە «گۇمانلىق» باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1823380
«شىمالىي كورېيە ‹گۇمانلىق› باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا قويۇپ بېرىلگەب باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسىنىڭ قانچىلىك يىراقلىققا چۈشكەنلىكى ۋە قانداق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى،  شىمالىي كورېيە قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ باللىستىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىدى.

شىمالىي كورېيە، ئەڭ ئاخىرقى سىناق بىلەن بىرلىكتە، 2022-يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان 15-قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر