ئىسرائىلىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم جانغا زامىن بولدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئېلاد شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 3 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1822862
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئورگىنى KAN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېلاد شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، 2 كىشى دەپ قارىلىۋاتقان زوراۋانلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاختۇرۇش - تۇتۇش پائالىيەتلىرىنى باشلىغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ «قىزىل داۋۇد يۇلتۇزى» ناملىق جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا 3 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، ئىككىسى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 4 كىشى يارىلانغان.
ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم يۈز بەرگەن رايونغا قوشنا رايونلاردىن زاپاس دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەۋەتىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، زوراۋانلارنىڭ كىملىكى ۋە ھۇجۇمنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.