ب د ت: رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئېلان قىلغاندىن بۇيان 3280 پۇقرا ئۆلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە تەرىپىدىن ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئېلان قىلىنغان 24 – فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىنادا 3 مىڭ  280 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1822845
ب د ت: رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئېلان قىلغاندىن بۇيان 3280 پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتتا، رۇسىيەنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 3280 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 3451 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى تەكىتلەندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بولسا، ئۇكرائىنادا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكى، 24 – فېۋرالدىن بۇيان تەخمىنەن 12.8 مىليون كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئەتكەنلىكى، بۇلاردىن 7.7 مىليون كىشىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تېخىمۇ بىخەتەر جايلاردا پاناھلىنىۋاتقانلىقى، 5 مىليوندىن كۆپرەكىنىڭ دۆلەتتىمن ئايرىلغانلىقى، ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئەتكەن پۇقرالارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قاتتىق دەرد - ئەلەم ئىچىدە بولۇپ، دەرھال قوغداشقا ۋە پىسخىكا جەھەتتىن قوللاشقا موھتاج ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر