ئامېرىكا: رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئاللىقاچان مەغلۇپ بولدى

ئاقساراي باياناتچىسى يېن پساكى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئەڭ باشتا بېكىتكەن نىشانغا يېتەلمىگەنلىكىنى ۋە ئۇرۇشتا ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1822357
ئامېرىكا: رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئاللىقاچان مەغلۇپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پساكى، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا ئۈچۈن <زەپەر> ئۇقۇمى، ئۇكرائىنانىڭ تاللىشىغا باغلىقتۇر. بىز ئەڭ باشتىن تارتىپلا سۆھبەت ئۈستىلىدە مۇداپىئە جەھەتتىن ئۇكرائىنانى قوللاۋاتىمىز، بۇ بولسا ئۇكرائىناغا زور ئارتۇقچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، رۇسىيە ئۇكرائىنانى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كونترول ئاستىغا ئېلىشنى پىلانلىغانىدى، ئەمما بۇ نىشانىغا يېتەلمىدى. دەرۋەقە، رۇسىيە ئۇرۇشتا ئاللىقاچان مەغلۇپ بولدى. چۈنكى رۇسىيە ئۇكرائىنانى قولغا كىرگۈزەلمىدى. شۇ ۋەجىدىن، (رۇسىيە پىرېزىدېنتى) ۋىلادىمىر پۇتىن كىيېۋ كوچىلىرىدا ئەركىن – ئازادە ئايلىنالمايدۇ. رۇسلار ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋەيران قىلالمايدۇ.»

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر