شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئاچارچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى قۇرغاقچىلىقنىڭ ئاچارچىلىق خەۋپى پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1816189
شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئاچارچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ دۇنيا ئاشلىق پىلان – مەھكىمىسى شەرقىي ئافرىقا رايونى دىرېكتورى مايكىل دانفورد سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بۇ رايوندا ئۇدا 3 پەسىل يامغۇر ياغمىغانلىقىنى ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ 20 مىليون ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دونفورد، شەرقىي ئافرىقانىڭ قۇرغاقچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، رايوندىكى 81 مىليون كىشىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

سومالىدىكى قۇرغاقچىلىقنىڭ تەخمىنەن 6 مىليون ئادەمگە تەسىر قىلغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە 1 مىليون 400 مىڭ كىشىنىڭ جىددىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مايكىل دانفورد، ئېفىيوپىيەدىكى 7 مىليون ۋە كېنىيەدىكى 3 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

دونفورد، 24- فېۋرال باشلانغان ئۇكرائىنا- رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىنىڭ رايوندىمۇ ھېس قىلىنغانلىقىنى ۋە يېمەكلىك باھاسىنىڭ %23 ئۆسكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئۆسۈشنىڭ ئېفىيوپىيەدە %66، سومالىدا %36 گە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، دۇنيا يېمەكلىك پىروگراممىسىنىڭ شەرقىي ئافرىقاغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 6 ئاي ئىچىدە 327 مىليون دوللارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ فوندىنىڭ ھازىرغىچە پەقەت 64 مىليونىنىڭ توپلانغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر