خىتاي ۋە رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

رۇسىيە ۋە خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۆتكەن ئايدا جەنۇبىي كورېيە ھاۋا مۇداپىئە ۋە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1814561
خىتاي ۋە رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى، جەنۇبىي كورېيەلىك بىر ئەمەلدارنىڭ، 24-مارت رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ كورېيەنىڭ ئۇللېڭ ئارىلى ھاۋا تەۋەلىكىدە يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئۇچقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانىنىڭمۇ جەنۇبىي كورېيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئىئو ئارىلىغا يېقىن «ئادىز»غا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر ئەمەلدار، بۇ رايوننىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى ئۆزئارا تۇتىشىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خەلقئارا قانۇنلاردا ئېنىقلىمىسى بولمىغان ۋە ھېچقانداق خەلقئارالىق ئورگان تەرىپىدىن كونترول قىلىنمايدىغان ھاۋا مۇداپىئە ۋە پەرقلەندۈرۈش رايونى (ئادىز) ئادەتتە دۆلەتلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا ئېلان قىلىنىدۇ.

پەرقلەندۈرۈش رايونى دۆلەتنىڭ بېكىتىلگەن ھاۋا بوشلۇقىغا خىلاپلىق قىلىش نىيىتى بولمىغان يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئەمما بۇ رايونغا كىرگەن ھەربىي ئايروپىلانلار يوشۇرۇن تەھدىت دەپ قارىلىپ ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر